باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025 نەق مەيدان يىغىنىغا يوليورۇق بەردى

2016.12.26 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025 خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى ھەم دۆلەتلىك ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  يوليورۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، يىراقنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى. نۆۋەتتىكى دۇنيا كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتى، رىقابەتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى، پۇرسەت ۋە قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى تولۇق تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۈلگە ئېلىش؛ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت مەدىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى بازارغا كىرىش، ئامىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ ياخشى مۇھىت يارىتىش؛ جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025، ئىنتېرنېت قوشۇلغان بىلەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۆز ئارا تۈرتكە بولىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش؛ كارخانىچىلار روھى ۋە ھۈنەرۋەنلەر روھىنى تېرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، قالتىس ماھارەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكىلار ۋە ھالقىلىق ماھارەت جابدۇقلىرىدا تېرىشىپ بۆسۈش ياساپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يېشىل ياسىمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى، ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ مېڭىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بېرىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ماكەي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر