باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-سانلىق يىغىنى 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

2016.12.22 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25- سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىك قانۇنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، قانۇن كومىتېتى، مائارىپ پەن مەدەنىيەت سەھىيە كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئايرىم ئايرىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئايرىم-ئايرىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 8609 پارچە تەكلىپ سۇنۇپ، 185 بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان تەكلىپنى بېكىتتى. بۇ يىل ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى ھەمدە ۋەكىللەرگە جاۋاب قايتۇرۇلدى، ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپ ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن ھەل بولغىنى ياكى تەدرىجىي ھەل قىلىش پىلانلانغان تەكلىپلەر ئومۇمىي تەكلىپ سانىنىڭ %80.6 نى ئىگىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر