باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتى كېلەر يىلى داۋاملىق ئۆسىدۇ

كۈتۈنۈش پۇلى تۈركۈمگە بۆلۈپ بازارغا سېلىنىدۇ

2016.12.22 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2015-يىلى، ئورگان، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىلەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلدى. بۇ يىل، كارخانا پېنسىيونېرلىرى بىلەن ئورگان، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى تۇنجى قېتىم كۈتۈنۈش پۇلىنى ماس قەدەمدە تەڭشىدى. جايلارنىڭ كۈتۈنۈش يۈكىنى تەڭشەپ، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ پىلانلاش كونكرېت لايىھەسىنىڭ چىقىشىدا ئۈمىد بار.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ يىل پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش پۈتۈنلەي نەقلەشكەن، مەملىكەت بويىچە 100 مىليوندىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتى ئۆستۈرۈلۈپ، قىسمەن جايلار شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇقۇشىچە، كېلەر يىلى ئېلىمىز كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى يەنىلا ئۆسىدىكەن، لېكىن ئۆسۈش نىسبىتى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن، مالىيەدىن چىقىم قىلىش ئىقتىدارى، مال باھا سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئەتراپلىق باھالاش ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن.

  ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش-ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇشنى بېكىتتى، تۇنجى تۈركۈمدە ئىككى تىرىليون يۈەن كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ %30ى پاي چېكى بازىرىغا سېلىنىدۇ. يېقىندا، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى ئاكسىيە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن 21نى ئېلان قىلدى. بۇ كۈتۈنۈش پۇلىنى بازارغا سېلىشنىڭ ئاخىرقى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر