باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «مۇندەرىجە» بېسىپ تارقىتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تۆت يىلدا %90 كېمەيتتى

2016.12.21 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى(2016-يىللىق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى.

  بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مۇندەرىجە» 2013-، 2014-يىلى ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچىنچى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ 2016-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىق ئورنىنى بېكىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «مۇندەرىجە»ىگە تۆۋەندىكىدەك پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: بىرىنچى، بازار رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەستىقلاش دائىرىسىنى ئەڭ زور چەكتە كىچىكلىتىش. ئىككىنچى، مەركەزنىڭ يەرلىكتىكى مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، جايلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش. ئۈچىنچى، ھەر خىل ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش.

  بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مۇندەرىجە»دە 17 تۈرلۈك تەستىقلاش ھوقۇق چېكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تەستىقلىنىدىغان ئىككى تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىلدى، 15 تۈر يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەستىقلىشىغا چۈشۈرۈپ بېرىلدى. ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2013-، 2014-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، مەركىزىي ھۆكۈمەت قاتلىمىدا تەستىقلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى كېمەيتىش نىسبىتى ئومۇمىي مىقدارنىڭ %90ى ئەتراپىدا قىسقارتىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر