باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ توققۇز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلىگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2016.12.20 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلق سارىيىدا توققۇز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلىگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماگدوپ، نامىبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كانيام، بېنىننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئادېۋېرلاندېر، تۇنىسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خالىد، يەمەننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد، كۇۋەيتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېمىخ، نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پائۇدېل، كۇبانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رامىرېز، بۇلغارىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پوروزانوف.

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ يېڭىدىن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق، ئەمەلىيەتچىل ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ باش ئەلچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە بولغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  http://paper.people.com.cn/rmrb/html/2016-12/20/nw.D110000renmrb_20161220_1-01.htm


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر