باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ ئالىپوۋنىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.12.16 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-دېكابىر ئالىپوۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ھازىر، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم، ساغلام، تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىش كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مۇھىم دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ يىل، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم سىياسىي ئاساس سالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. سىلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر