باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ ۋېيزې 1- سوتتا 12 يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2016.12.15 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 14- دېكابىر جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ ۋېيزېنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار ياڭ ۋېيزېنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 12 يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلدى، ھەمدە ئىككى مىليون يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى شەخسى مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىندى؛ ياڭ ۋېيزېنىڭ پارا ئېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ماللىرى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

  سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: جاۋابكار ياڭ ۋېيزې ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ج ك پ ۋۇشى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نەنجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆي-زېمىنچىلىق، شىركەت تىجارىتى ۋە ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلغاننىڭ بەدىلىگە باشقىلاردىن بىۋاسىتە ياكى ئايالى ئارقىلىق، ئالاقىدار كىشىلەر بەرگەن سوغاتلارنى، يەنى، ئۇلارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 16 مىليون 434 643 يۈەن قىممىتىگە توغرا كېلىدىغان پۇل-ماللارنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان.

  نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ياڭ ۋېيزېنىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. ياڭ ۋېيزېنىڭ دېلوسى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى راستچىللىق بىلەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىپ, ھارام پۇل-ماللارنى تولۇق قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازالاش ئەھۋاللىرى بار بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قارالدى. شۇڭا، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر