12- ئاينىڭ 7- كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوڭدا) موسكۋادىكى كرېمىل سارىيىدا ياپونىيە مۇخبىرلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ياپونىيەگە زىيارەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى، ياپونىيە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا زېمىن مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. ياپونىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا زېمىن مەسىلىسى مەۋجۇت، دەپ قارايدۇ، لېكىن رۇسىيە مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى