باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

−−ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دېڭ جاڭۋۇنى زىيارەت

2016.12.14 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دېڭ جاڭۋۇ 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇكەممەل پىلانىنى تۈزۈپ بەردى، بۇ، يېڭى باش پەللىدە تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشتىكى خىتابنامە ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، «بەش ئۈلگە رايون» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، گۈزەل، ئىناق، بەختلىك ئالتاينىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇش ھازىر ئالدىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپە.

  دېڭ جاڭۋۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۈلگىلىك رايون بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى چۆرىدەپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئىدارە، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى توققۇز تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز. تىنچ ئالتاي بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، پارتكوم يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىقنى ساقلاش دېلولىرىنى مۇقىم ئازايتىپ، ئون مىڭ ئادەم ئىچىدە دېلو يۈز بېرىش نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەن چەكتە ساقلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئالتاي قۇرۇشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قانۇن - تۈزۈمنى ئورگان، يېزا، كەنت، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، ئىدارە - ئورۇنلارغا ئەكىرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزىدىغان، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز. ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى مەنبەدىن تىزگىنلەش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەت، جېدەل - ماجىرالارنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامدىلا ھەل قىلىپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىمىز.

  −− مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىمىز. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىپ، جاپا ۋە ھالاۋەتتە تەڭ بولىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتارىدا ئىزچىل مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  دېڭ جاڭۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ بويىچە دىنلار ئىناق ئۈلگە رايون بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، دىنىي خادىملارغا بولغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز. بىز پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سېڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، دىن ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمىز؛ مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان تەربىيە، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى دىن ساھەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئېجىل - ئىناق بولۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيمىز.

  −− دۆلەت بويىچە ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك ئۈلگە رايون قۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئالتاينىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى شۇنداقلا خەلقنىڭ ئەڭ زور ئامىتى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي ئورمان، تەبىئىي ئوتلاق، سۇلۇق يەر، كۆللەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى قالايمىقان ئېچىش ۋە قېزىشقا زەربە بېرىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يەرلەرنى قانۇنغا خىلاپ ئېچىشنى توسۇپ، ئالتاينىڭ ئاسمىنىنىڭ كۆپكۆك، تاغلىرىنىڭ ياپيېشىل، سۇلىرىنىڭ سۈپسۈزۈك بولۇشىنى مەڭگۈ ساقلايمىز. ئېكولوگىيەنى قوغداشقا، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك مۇھىم نۇقتا قىلىنغان زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، يېشىل ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش، پاكىز ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالتاينى تىرىشىپ «دۇنيادىكى چاڭغا تېيىلىدىغان ئېسىل ماكان»، جۇڭگونىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مەنزىلگاھى ۋە ئالىي زاكازلىق ساياھەت مەنزىلگاھى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش بازىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  دېڭ جاڭۋۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىمىز. ئالتاي تۆت پورتى بولۇشتەك خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە «تۆت دۆلەتتىكى ئالتە ئورۇن»نىڭ ئالتاي تاغلىق رايونىنى چۆرىدىگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكىسى مېخانىزمىغا تايىنىپ، ئالتاي تېغىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى(ئالتاي - بېيتۇن ئالاھىدە رايونى) ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جېمىنەي چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چىڭگىل چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاقتۇبېك پورتىدىن تامۇژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىزىلتاغ ئېغىزى پورتىنىڭ بالدۇرراق 3 - دۆلەتكە ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالتاي ئايرودۇرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - رۇسىيە جىكىپەلەك پورتى، ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۇ تىرانسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۆمۈريول غول يولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىن بايلىق كىرگۈزۈش، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر