باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ شىئەن ۋەقەسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2016.12.13 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىئەن ۋەقەسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 12- دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىئەن ۋەقەسى جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەت ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. شىئەن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئون يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2- قېتىملىق گومىنداڭ-كومپارتىيە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىچكى ئۇرۇشتىن ئومۇمىي خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتەك بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا، ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى تۈگۈنگە ئايلاندى. جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭدىن ئىبارەت ئىككى گېنىرالمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققانىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى تەرىپىدىن «تۆھپىكار ئەزىمەتلەر» دەپ تەرىپلىنىپ، تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ، ئەبەدىي نۇر چاچتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر