خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇرېھىم قادىر خەۋىرى، فوتوسى) 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە داغدوغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ مەكتەپتە ئوتتۇز يىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ پىنسىيەگە چىققان توققۇز پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاندى، ئۇلارغا يەنە ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ كومېتىتى ۋە مائارىپ ئىشچىلار ئويۇشمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئۆتكەن شەرەپلىك ئوتتۇز يىل» دىگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.
سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 1958-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى خام كېسەكلىك، ئاددىي قۇرۇلمىلىق مەكتەپتىن تەرەققىي قىلىپ، نۆۋەتتە ئومۇمىي كۆلىمى 65 مىڭ 994 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 33 مىڭ 161 كىۋادراتمېتىر كېلىدىغان، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن، قەۋەتلىك بىنالار قەد كۆتۈرگەن، 225 ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە 3434 ئوقۇغۇچىسى بار تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا بىرلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل ياتاقلىق مەكتەپكە ئايلاندى.
مەكتەپ مۇدىرى ئېلى ياسىن مۇنداق دىدى: «مەكتىپىمىزنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان، 41 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ 60 ياشتىن ئاشقان ياسىن غوپۇر، مەمەت رۇزى، ھىمىت ئىبراھىم قاتارلىق پىنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز».
سۈرەتتە: سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە 30 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ھاياجان ئىلكىدە تەقدىرنامىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى