باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېز يوللانما شىركەتلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى

2016.12.15 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (جۇڭگو خەلق بانكىسى كۇچا ناھىيەلىك تارماق بانكىسىدىن راھىلە توختى خەۋىرى) كۇچا ناھىيەسى ناھىيەدىكى تېز يوللانما شىركەتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى.

  كۇچا ناھىيەلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمى چېن جيەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوسۇلكا باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ پوسۇلكا ئەۋەتىش-قۇبۇل قىلىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلىشىنى قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ناھىيەدىكى تېز يوللانما شېركەتلىرىنىڭ پوسۇلكىلارنى ئاۋال كۆرۈپ ئاندىن قاچىلاش، ھەقىقىي نامىدا تىزىملاش، يوللاش مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۆتكەللىرىنى ئىگىلەش ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغان بەزى تېز يوللانما شىركەتلىرىنى پېچەتلىدى ھەم بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش ۋە تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر