خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى ((SDR پۇللىرى قاتارىغا رەسمىي كىردى، ھەمدە بىردىن-بىر يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇلى بولۇپ قالدى. بۇ، خەلقئارا پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتى مۇساپىسىدىكى ئابىدە خارەكتېرلىك ئىش بولۇپ قالدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە يەر شارى پۇل مۇئامىلە ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىشىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 30- كۈنى , ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) باش شتابىدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگارد (ئوتتۇرىدا)، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ تاۋ (سولدىن ئۈچىنچى)، جۇڭگونىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئىجرائىيە مۇدىرى جىن جوڭشيا (ئوڭدىن ئۈچىنچى)، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى لىن جيەنخەي (ئوڭدىن ئىككىنچى) قاتارلىقلار بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. لاگارد شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق پۇلىنى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR)غا كىرگۈزۈش،SDR،IMF، جۇڭگو ۋە خەلقئارا پۇل سىستېمىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تارىخىي خاراكتېرلىك ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىشتۇر. 1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى ((SDR پۇللىرى قاتارىغا رەسمىي كىرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى