باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىنى ئىمزالاپ، «كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش نىزامىنى» نى ئىلان قىلدى

2016.12.15 19:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىنى پەرمانىنى ئىمزالاپ، «كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش نىزامىنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، بۇ «نىزام» 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» دا ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە رويخەتكە ئېلىش ھەرىكىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. «نىزام» دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئېلىمىزنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقنى ئېچىش ۋە چوڭ-چوڭ جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، باشقا تۈرلەردە بىردەك رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. كارخانىلار تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە، تۈر ئىلتىماسى ۋە قانۇنىي، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئالاقىدار رەسمىيەت ئىسپاتى ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرسا بولىدۇ؛ ئورگانلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىقمۇ-يوق، ئالاقىدار تەرەققىيات قۇرۇلۇش پىلانى، تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ-يوق، بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا مۇۋاپىقمۇ-يوق، چوڭ-چوڭ جامائەت مەنپەئىتىگە پايدىسىز تەسىر يەتكۈزەمدۇ-يوق قاتارلىق تۆت جەھەتتىن تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈش مۇددىتى پىرىنسىپ جەھەتتە 20 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  تۈرلەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش. تۈرلەرنى رويخەتكە ئېلىشنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن مەمۇرىي ئىجازەتكە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «نىزام» دا مۇنداق بەلگىلەندى: رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇشتا، كارخانىلار قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن كارخانىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، تۈرلەرنىڭ نامى، قۇرۇلۇش ئورنى، قۇرۇلۇش كۆلىمى، قۇرۇلۇش مەزمۇنى، تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى ۋە تۈرلەرنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى رويخەتكە ئالىدىغان ئورگانلارغا ئۇقتۇرىشى ھەم ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ رويخەتكە ئالىدىغان ئورگانلار بارلىق ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ رويخەتكە ئالىدۇ. رويخەتكە ئالىدىغان ئورگان رويخەتكە ئالغان تۈرلەرنىڭ كەسىپ سىياسىتى بويىچە مەبلەغ سېلىش چەكلەنگەن قۇرۇلۇش ياكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يولغا قويۇلغان تۈرلەرنى بايقىغاندا، كارخانىلارنىڭ تۈزىتىشى ياكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشىنى ئۇقتۇرىشى ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا ئۇقتۇرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر