باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا 2017-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت تەھلىل قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر»گە قاراپ چىقىلدى

2016.12.13 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى يىغىن ئېچىپ، 2017- يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، يىغىندا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر»گە قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كۆزلىمە نىشانغا يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، زور خېيىم- خەتەر ۋە خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. بىز يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا نۇرغۇن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى بىلەن ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا، بەزى ساھەلەردە پۇل مۇئامىلە خەتىرى روشەن، قىسمەن رايونلاردا قىيىنچىلىق بىر قەدەر ئېغىر. بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2017- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، شۇنداقلا «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم بىر يىل ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يىل بولۇپ، ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، ئىگىلەش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ مۇقىم، كەسىپ سىياسىتىنىڭ توغرا، مىكرولۇق سىياسەتنىڭ جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، ئىجتىمائىي سىياسەتتە ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىشتەك سىياسەت تەپەككۇرىدا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، كۆزلىمە نىشاننى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمى − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى بولۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش شەرتىدە، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بەش چوڭ ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، بازار قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئۆي- مۈلۈكنى سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېزدىن مۇزاكىرە قىلىپ ئورنىتىش، دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە ۋە باج، پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمالدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قويۇۋېتىپ، ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تاشقى مەبلەغنى پائال جەلپ قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى ۋە ئاسايىشلىقىنىڭ ئاساسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە دائىر تۈزۈم، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئومۇمىي تەدبىر، خىزمەت تەدبىرى جەھەتتە يېڭى روشەن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيىتى ھازىر، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇھىتى يەنىلا مۇرەككەپ بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلماقتا. ئېلىمىز دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تارىخىي ئورنى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇمىي دۆلەت خەپسىزلىكى قارىشىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا مېڭىش؛ مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش؛ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ چوقۇم دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر