- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن ئېلىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش-ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش «لايىھە» سىنى بېسىپ تارقاتتى
2016.12.14 16:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر تېلېگراممىسى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئېلىمىزنىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش-ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ). «چارە» مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ روھى ۋە «ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك پروگراممىسى» نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەت، شۇنداقلا ب د ت نىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدىبىر ھېسابلىنىدۇ.
«چارە» دە، ئېلىمىزنىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئاساسىي لىنىيە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى نىشان، ئېلىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ھالقىلىق بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى توپلاپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادىي قۇرلۇش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«چارە»دە، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى، كۆپ مەنبەلەرنىڭ قاتنىشىشى، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، ئېلىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش-ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، تەقلىد قىلىشقا، كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم رېئال ئەندىزىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، مەملىكەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى جۇڭگو تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەش تەكىتلەندى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر