باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجە تىزىملىكى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى

2016.12.14 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى باشچىلىقىدىكى كەسپىي سالاھىيەتنى ئىسلاھ قىلىش گۇرۇپپىسى دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجە تىزىملىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەن فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، يېقىندا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەنگە يوللىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجە تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى تۆۋەندىكىدەككەن: تىزىملىكتە بولمىغانلىرى كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىشنى بىردەك يولغا قويماسلىق؛ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىدېئولوگىيە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلمايدىغانلىرىغا ئىجازەت شەرتى قويماسلىق.

  گوۋۇيۈەن يېقىندا 7- تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان 114 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى، خەتتات، فوتوگراف، گۆرۈخانا باھالىغۇچىسى، ھاراق تەڭشىگۈچى، رېستوران مۇلازىمەتچىسى، تازىلىقچى، مال ساتقۇچى، كاسسىر قاتارلىق ھەممىگە تونۇشلۇق كەسىپلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىشتىكى توسالغۇلىرىنى ئېچىپ بەردى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر