باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بىلەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزدى ھەم تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.12.14 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بىلەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزدى ھەم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ <13 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئەسلەتمىسى» قاتارلىق «1+5» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ پىلان توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى خۇ خۇەيباڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ھەمكارلىققا ئالاقىدار ئىشلارنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىس پېڭ جيارۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەن خەيچۈەن، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بانكا باشلىقى جېڭ جىجيې، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى جۇ چىڭيۈ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدارە قىلىپ، ئاۋۋال قول سېلىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ نىشان ۋەزىپىلىرى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلسىلا، ئۇلۇغۋار پىلاننى تېخىمۇ بالدۇر گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى، بازار ئىگىلىكىنىڭ قېنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تىرەك كۈچ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇ قېتىمقى بىرلەشمە يىغىن ھەم ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىگە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، پۇل مۇئامىلە قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، كۆپ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. بىز دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە كەسىپلەرنى زورايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، مۇھىتنى ئاسراش، جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى؛ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىتتىپاق - ئىناق، باي - باياشات، مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

  خۇ خۇەيباڭ مۇنداق دېدى: 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى «بەش چوڭ نۇقتىلىق ساھە»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتىنى قوللاشنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ يۈكسەك بۇرچى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ھەم شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى، زامانىۋى سۇچىلىق كاپالەت سىستېمىسى، زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ۋە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىلغار ئىدىيە ئارقىلىق شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى، شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى ۋە شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە سىڭىشىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنى ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاش جەريانىدا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. بىز دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۆھرەت زاكىر بىلەن جېڭ جىجيې بىرلەشمە يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپكە ۋاكالىتەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ <13 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى شىركىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى، قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، ئايروپورت گۇرۇھى، سۇچىلىق تارمىقى بىلەن بەش تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا ھەم كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر