باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئىككىدە دوستىلىشىش»، «ئۈچكە كىرىش» پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى

2016.12.14 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەسى سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن: قۇربان سايىم خەۋىرى) يېقىندىن بۇيان، باي ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئىككىدە دوستىلىشىش»، «ئۈچكە كىرىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەھەللە، يېزىلارغا بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، خىزمەت ئارىلىقىدىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ سىنىپ، ياتاق، ئاشخانىغا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرانە، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاپ، دەرستىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە تەپسىلىي جاۋاب بەردى. ئاشخانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ياتاقتا ئوخشىمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن چىن دىلىدىن سۆھبەتلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەۋى تونۇش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ساۋاقداشلار ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى يېتىلدۈردى. بۇ ئارقىلىق بۇ مەكتەپتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ھەربىر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر