باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رونالدو تۆتىنچى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2016.12.13 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمدىلا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئادا-جۇدا بولغان ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 12- دېكابىر كەچتە پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى، پورتۇگالىيە ماھىرى كرېستيانو رونالدو يۇقىرى ئاۋاز بىلەن 61- نۆۋەتلىك مۇكاپات ساھىبى بولۇپ سايلىنىپ، تۆتىنچى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتى لوڭقىسىنى قولغا ئالدى.

  خانلىق مادرىدنىڭ 31 ياشلىق بۇ پۇتبول چولپىنى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى مېسسى ۋە فىرانسىيە دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول ماھىرى گرېزمان، برازىلىيەلىك ئالدى ھۇجۇمچى نېيمار قاتارلىق رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، «فىرانسىيە پۇتبولچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ مېسسىدىن ئاران «بىر توپ» پەرقى قالدى.

  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى»نى باھالاش پائالىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئالتۇن توپ مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسكە تېخىمۇ مايىل. ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە، كرىستيانو رونالدو جەمئىي 110 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 102 توپ كىرگۈزدى، ئالدى بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ 5- ئايدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ چىقاردى، ئارقىدىن 7- ئايدا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ، ياۋروپا لەۋھە تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر