باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

داۋالاشنىڭ ئارقا سىپىدە ...

2016.12.14 14:24   مەنبە: خەلق تورى

داۋالاشنىڭ ئارقا سىپىدە ...

  «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرى روشەنگۈل ئابدۇراخمان

  دورىگەر – ئۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ھەمدەم بولۇپ، ئاغرىقلارغا داۋا ئىزدەش يولىدا ئۈنسىز تەر تۆكىدىغان مىھنەتكەش؛ ئۇ بىمارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىشنى نىشان قىلغان داۋالاش ئارقا سىپىدىكى پەرىشتە ...

  12–ئاينىڭ 5–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك ياسالما دورا بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىمىزگە، بۇرنىمىىزغا كۈچلۈك دورا پۇرىقى ئۇرۈلدى. دورا ياساش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى نۇرنىسا كىرەمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ 3300 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش سېخى، دورا قايناتما سېخى، سۇيۇق دورا سېخى، يېرىم قاتتىق ياسالما دورا سىخى، سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلار سېخى قاتارلىقلارغا ئايرىلغان قۇرس، تابلىت، تالقان، جەۋھەر، مەجۇنات، دانىچە، شەربەت، گۈلقەنت، كاپسۇل قاتارلىق 15 خىل شەكىلدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىش ئۆلكە دەرىجىلىك دورا تەستىق ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن 91 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ياسالما دورا بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدۇق.

  - ھازىر كىلىنىكىدا ئىشلىتىۋاتقان ئۆسۈملۈك، مەدەن، مېۋە – چىۋە، گۈل قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان خام دورا ماتىرىياللىرى 1000 خىلدىن ئاشىدۇ. دورا ياسىلىشتىن بۇرۇن خام ماتىرىياللار ئىھتىياج بويىچە قورۇتۇش، سوقۇش، قاينىتىش باسقۇچىدىن ئۆتىدۇ. ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش سېخى ياسالما دورا بۆلۈمىنىڭ تۇنجى بىكىتى، - دەپ چۈشەندۈردى نۇرنىسا دوختۇر مۇخبىرغا.

  ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش سىخىدا نىقاب ۋە شاۋقۇندىن قوغدىنىش ئەسۋابى تاقىۋالغان ئىككى خادىم دورىلارنى ئىزىۋاتاتتى. ئۆي ئىچىنى توپا – چاڭ باسقانىدى. ئاچچىق بىر پۇراق بۇرۇننى غىدىقلاپ، گالنى قىمشىتاتتى. ئۈسكۈنىلەردىن چىققان شاۋقۇن تەسىرىدە، ئۇلار بىزنىڭ كىرگىنىمىزنىمۇ سەزمىدى.

  - بۇ چاڭ – توزان ۋە يۇقىرى شاۋقۇنلۇق خىزمەت مۇھىتى ياشلارنىڭ روھىنى قاتتىق سىنايدۇ. ھەر بىر دورىنى سوقۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تازىلاپ تۇرساقمۇ، نەچچە سائەتتىلا ئۇلار مانا مۇشۇ كۆرگىنىڭىزدەك توپىغا مىلىنىپ كېتىدۇ، - دېدى ئەركىن ئابلا ئۈستى – باشلىرىنى قىقىشتۇرۇپ.

  ئەركىن ئابلا 31 يىللىق خىزمەت تەجىرىبسىگە ئىگە پىشقان دورىگەر. ئەركىن ئابلا بۇ سېختا ئىزچىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلىپ، ياشلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولغان پېشقەدەم ئىدى.

  ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش سېخىدىن چىقىپ قايناتما دورا سېخىغا كىرگىنىمىزدە، ھور دەستىدىن ئىشلەۋاتقان خادىملارنى تەستە ئىلغا قىلدۇق. ئىككى ئەر 10 كىلوگرام كېلىدىغان چوڭ تۇڭدىكى «ئەرىقى شاھتەررە (تامچىلاپ چۈشىدىغان سۇيۇقلۇق دورا)»نى يۆتكەۋاتاتتى. بىر ئايال خىزمەتچى «راۋان نەپەس جەۋھىرى»نىڭ قاينىتىش تېمپېراتورىسىنى تەڭشەۋاتاتتى. -

  بۇ، يۇقىرى بېسىملىق پارقازان ئورنىتىلغان، تېمپېراتورا يۇقىرى، دورا پۇرىقى كۈچلۈك، توك، سۇ يوللىرى مۇرەككەپ، بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ھەممىدىن يۇقىرى سېخ ھېسابلىنىدۇ. ياز كۈنلىرى سېخ ئىچى تېمپېراتورىسى 60 سىلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، گۈلبوستان پەرھات بۇ سېختىدىكى بىردىنبىر ئايال خىزمەتچى، - دەپ چۈشەنچە بەردى نۇرنىسا كىرەم.

  قايناتما دورا سېخىدا سەككىز ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئىشلەيدىكەن، 29 ياشلىق گۈلبوستان پەرھاتنىڭ دورا ياساش بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقىنىغا ئۈچ يىرىم يىل بولۇپتۇ. بۇ ئۈچ يېرىم يىلدا ئۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھازىر سۈپەت نازارەتچىسى بولۇپتۇ.-

  دەسلەپتە تازا كۆنەلمىگەن، پۇراقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن كىيىم ۋە بەدىنىمىزگە كۈچلۈك پۇراق سىڭىپ كېتىدۇ. كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرماي، مۇنچىغا چۈشمەي تۇرۇپ سىرتقا چىقالمايمىز. ھازىر بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. بارلىق ياسالمىلارنىڭ دەسلەپكى قاينىتىلىش، پىششىقلاپ ئىشلىنىش باسقۇچى بىزنىڭ سېختىن چىقىدۇ. شۇڭا خام ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى، قاينىتىش تېمپېراتورىسى ۋە قايناتمىنىڭ زىچلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز، - دېدى گۈلبوستان چۈشەندۈرۈپ.

  يېرىم قاتتىق ياسالما دورا سېخى مىكروپسىز، تېمپېراتورىسى تىزگىنلىنىدىغان كونتىرول رايونى ۋە ئادەتتىكى رايونغا ئايرىلغان سېخ ئىدى، بۇ سېختا توققۇزەيلەن ئىشلەيتتى. كونتىرول رايونىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقتىن، بۇ رايونغا خادىملارنىڭ تېلېفۇن ئەكىرىشى چەكلەنگەنىدى.

  - مەجۇنات دورىلىرى تالقانلانغان خام ماتېرىياللارنى دېزىنفېكسىيەلەش، يۇغۇرۇش قاتارلىق نەچچە باسقۇچ ئارقىلىق ياسىلىدۇ. زەپە قاتارلىق قىممەت باھالىق ماتېرىياللارنى سېخ باشلىقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە دورىلارغا قوشىمىز. ئۆتكەل چىڭ، تەلەپ يۇقىرى، باسقۇچلار مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساھەدە يېڭىلىق يارىتىلىش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، توختىماي ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ، - دېدى يېرىم قاتتىق ياسالمادورا سېخىنىڭ خىزمەتچىسى زۆھرە مەمىتىمىن.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غەرب تېبابىتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن زۆھرەگۈل مەمىتىمىننىڭ يېرىم قاتتىق ياسالما دورا سېخىدا ئىشلەۋاتقىنىغا 10 يىل بولۇپتۇ. 2003–يىلى ئۇ بۇ دوختۇرخانىغا بۆلۈنگەن كۈندىن باشلاپ، ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىپتۇ. 2006 –يىلىدىن 2009–يىلىغىچە خوتەن تېببىي تېخنىكومىدا ئۈچ يىل ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپتۇ. 10 يىللىق خىزمەت تەجىرىبىسى بىلەن ئۇ ھازىر دورىلارنى بىر تېتىپلا پەرقلەندۈرەلەيدىغان سەۋىيەگە يېتىپتۇ.

  بىر ئىسكەتلىك ياسالما دورا بۆلۈمى ھەجىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى جەھەتتە دورا ياسالما بۆلۈمىدىن پەرقلىنەتتى. بۇ بۆلۈمدە 10 خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ، چوڭ – كىچىكلىكى ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان قازان چوڭلۇقىدا كېلىدىغان ئۈسكۈنە ئالدىدا خادىملار رېتسپقا قاراپ دورا تەڭشەۋاتاتتى.

  - بىر ئىسكەتلىك ياسالما دورا بۆلۈمىنى دورا ياساش بۆلۈمىنىڭ كېچىكلىتىلگەن نۇسخىسى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بۆلۈمدە بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، يېشى، مىجەزىگە ئاساسەن خاس دورىلار كىچىك تىپتىكى سوقۇش ئۈسكۈنلىرىدە سوقۇلۇپ، بىر بىمار ئۈچۈن مەخسۇس بىر قازاندا قاينىلىتىدۇ. بۇ بۆلۈم كۈندە تەخمىنەن 100 كىشىلىك شەربەت، 20 كىشىلىك مەجۇنات، 50 كىشىلىك سوپۇپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

  بۇ بۆلۈم يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك، دۆلەت دەرىجىلىك دورا تەستىق ئىجازەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلىدىغان دورىلارنى ياساشقا ئاساس سالىدۇ. بايام سىلەر كۆرۈپ چىققان دورا ياسالما بۆلۈمى بىر ئىسكەتلىك ياسالمىخانا ئاساسىدا قۇرۇلغان، - دېدى نۇرنىسا كىرەم چۈشەندۈرۈپ.

  - بۇ بۆلۈمدە ئىچىدىغان دورىلار بىلەن سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ۋە بىمارلارنىڭ رېتسىپلىرىنىڭ ئالمىشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە رېتسىپنى قولىمىزدىن چۈشۈرمەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا دورىلارنى ۋاقتىدا ياساپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر دورىلار ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىلمىسا، داۋالىنشقا تەسىر يېتىدۇ، - دېدى بۇ بۆلۈمنىڭ سۈپەت نازارەتچىسى گۈلچېھرە جۈمەخۇن ئىنچىكە چۈشەندۇرۇپ.

  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپى زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇيغۇر تېبابىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىغىشلاش روھى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇش روھىغا باي بىر تۈركۈم ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مۇھتاج. ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە دۆلەت سىرتىغا يۈزلەندۈرۈشتە يول ئۇزۇن، ۋەزىپە مۇشكۈل...

  سۈرەتلەرنى دىلخەت دىلمۇرات تارتقان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى
    ·كېلەر يىلى 8 مىليون ئىستۇدېنت مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەيدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى دىپلوم تارقىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى باغلىۋېلىشقا بولماي…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى يەرلىك مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا بولى…
    ·مائارىپتا مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ 
    ·كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باشلانغۇچ  ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 95…
    ·ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خى…