باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 37 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.12.13 14:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىمىز تارىخىدىكى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە ئەخلاق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا 37 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن ئۆلچەم، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاقىتتا چوقۇم رىئايە قىلىش كېرەك؛ ئەخلاق ئۇل تاش، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاقىتتا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، بىز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ تەدبىرى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈپ ئۇسۇلىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگونى ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئىدارە قىلىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەريانىدا بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سىياسىي - قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن تارىخشۇناسلىقى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور جۇ يۇڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەمدە پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن رەسمىي ئەخلاق، ئەخلاق قەلبتىكى قانۇن. قانۇن بىلەن ئەخلاق ئوخشاشلا ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش رولىغا ئىگە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەريانىدا ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئورنى ۋە فۇنكسىيەسى بار. قانۇن جاھاننى تىنچلاندۇرىدۇ، ئەخلاق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ.

  قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى ئەخلاقنىڭ قوللىشىغا تايىنىدۇ، ئەخلاقنىڭ ئەمەلىيەتتە نامايان قىلىنىشىمۇ قانۇننىڭ چەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئىدارە قىلىشنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىنىڭ تۈپ تەدبىرى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈپ ئۇسۇلى قىلىپ بېكىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا ماڭدى. بۇ يولنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئىدارە قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. بۇ ھەم تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، ھەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەخلاقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشقا بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئەخلاقنىڭ تەربىيە بېرىپ تەسىرلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئادىمىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئەخلاق سىستېمىسىدا قانۇن ئىدارە قىلىش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەخلاقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق سىستېمىسىنى تىرىشىپ سوتسىيالىستىك قانۇن - نىزام بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تۈرتكە قىلىش كېرەك. ئەخلاق تەربىيەسى جەريانىدا قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ خاس مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىشىلەرنى قانۇن ئېتىقادى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلەرنى قانۇنىي مەجبۇرىيىتى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ، جەمئىيەتتە قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەخلاق تەلىپىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئەخلاق ئىدىيەسىگە تىرەك بولغاندا، ئەخلاق ئاندىن ئىشەنچلىك تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە بولىدۇ. قانۇن - نىزاملاردا روشەن ئەخلاق يېتەكچىلىكى تۇرغۇزۇلۇپ، گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت، دۇرۇس يۈرۈش - تۇرۇش ئەۋج ئالدۇرۇلۇشى، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە قاتارلىقلاردا سوتسىيالىستىك ئەخلاق ئۆلچىمى گەۋدىلەندۈرۈلۈشى، ھەممىسىگە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىڭدۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئوبدان قانۇن ئارقىلىق ئوبدان ئىدارە قىلىشقا ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك. ئەمەلىيەت داۋامىدا كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىنغان، بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك ئەخلاق تەلىپىنى ۋاقتىدا قانۇن قائىدىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنى ئەخلاقنى قەدىرلەيدىغان، ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىككە زەربە بېرىش كېرەك. قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيەنىڭ دېلونى سوت قىلىپ، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەخلاق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىش كېرەك. قانۇن تۆۋەن چەكتىكى ئەخلاق، شۇنداقلا ئەخلاقنىڭ كاپالىتى. ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئەخلاقسىزلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈزەشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك. گەۋدىلىك سەمىمىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىلىرىگە قارىتا ھەم پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىش، ھەم قانۇنغا رىئايە قىلىپ لەۋزىدە تۇرغانلارنى تەقدىرلەش مېخانىزمى ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىشىلەرنى لەۋزىدە تۇرماسلىققا پېتىنالمايدىغان، لەۋزىدە تۇرماسلىققا ئامال قىلالمايدىغان قىلىش كېرەك. مەنپەئەتنى دەپ ۋىجداننى ساتىدىغان، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساش، سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا بولغان قانۇن ئىجرا سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەخلاقنى ئۇنتۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاپ، بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە ئەخلاق ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەر قانۇنغا ئېتىقاد قىلىشى كېرەك؛ ئەخلاققا رىئايە قىلىشتا چوقۇم ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى تىكلەشكە يېتەكلەپ، كىشىلەرنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا چىن كۆڭلىدىن ئېتىقاد قىلدۇرۇش ۋە ھۆرمەت قىلدۇرۇش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىدىيەۋى - ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلققە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇللۇق خىزمىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ سادىق قەدىرلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشكە، ياخشى ئەخلاق ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك ئەخلاق ئۈلگىسى، ياخشى ئادەتلەرنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم ھەم دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەشكىللىگۈچى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشى، شۇنداقلا ھەم ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى پائال تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇنغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىشىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن ئۆگىنىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق نوپۇزىنى تىكلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل. رەھبىرىي كادىرلار تىرىشىپ جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاقنى قەدىرلەپ، ئۈلگە بولۇپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىغا باشلامچىلىق بىلەن ئەھمىيەت بېرىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب ئەخلاقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئەخلاقنى قەدىرلەيدىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەردىن، قانۇننى ھۆرمەتلەپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر