باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ ئاساس سېلىش، سېپىل ھاسىل قىلىپ مۇقىملىقنى ساقلاش كېرەك

2016.12.14 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بارلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار يىغىن ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ ئاساس سېلىش، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق پولات سېپىلىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى ھەقىقىي پۇختىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «30 - ئاۋغۇست» ۋە «17 - سېنتەبىر» يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر بىر يۈرۈش بىرىكمە كۈچنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت كادىرلىرىنى كەنت(مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - بازارلىق پونكىت، ئورۇنلار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرىنى تاللاپ كەنت ئاھالىسى گۇرۇپپىلىرىنىڭ 1 - گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلەش كېرەك، كەنتكە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، تەشۋىقات قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيە بېرىش يىغىنىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت تۈرلۈك پائالىيەت»نى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، «توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئاممىنى پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار، ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەرگە جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى؛ بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلىشى؛ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈشى؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى ئېنىق ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتى ۋە ئاممىۋى خىزمىتىنى تۇتۇشتا ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  يىغىن ئىشتىراكچىلىرى چۈشتىن بۇرۇن، ئىلگىرى - كېيىن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساغلاملىق يولىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى قاراۋۇلخانىسى، رەستە كوچىسىنىڭ سۇ قۇۋۇق مەھەللىسى، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ داۋزىيا كەنتى، ساقساق كوچىسىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەھەللىسى، ئۇچا بازىرىنىڭ ساقاغۇ كەنتىگە كېلىپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى كۈچەيتىش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەرلىك قىلىش جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، كۇچا ناھىيەسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ك−ۇچا ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، لى شۆجۈن، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر