باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەر»نى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭنىڭ ئون مەدەنىي ئائىلە ۋەكىلى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

2016.12.14 15:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ئائىلە ۋەكىللىرى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ياخشى ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلىغا تىرەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئون مەدەنىي ئائىلە تەقدىرلەندى. ئۇلار ھەنىپە ئالىمئاخۇن ئائىلىسى، روزىمەمەت باقى ئائىلىسى، ۋاڭ فاڭ ئائىلىسى، دورجى قازاقان ئائىلىسى، ۋۇ شيۇفاڭ ئائىلىسى، سانىخان ھېيتەم ئائىلىسى، سۇ سا ئائىلىسى، ۋېي دېيوۋ ئائىلىسى، كا شياۋخۇا ئائىلىسى، جاڭ لىخۇا ئائىلىسى.

  مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى بۇ يىل 8 - ئايدا «مەدەنىي ئائىلە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى كۆرسىتىش، باھالاش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا باشلاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىدە، ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، قائىدە - يوسۇنغا ئەمەل قىلىش، باراۋەر - ئىناق بولۇش، كەسىپنى قەدىرلەپ سەمىمىي بولۇش، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولۇش، ئائىلە ئىستىلى ساپ ھەم ئاددىي - ساددا بولۇش، يېشىل، تېجەشلىك بولۇش، قىزغىن، ساخاۋەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت سەككىز تەرەپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە بىڭتۈەن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، بىڭتۈەن ئاياللار بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى باھالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى بېكىتكەن «مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باھالاش چارىسى»غا ئاساسەن، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك شىنجاڭلىق مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ھەم نامزاتلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئائىلىلەر، 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلىلەر ئۈلگىلىرى، 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلىلەر، ئەڭ پەزىلەتلىك ئائىلىلەر ئارىسىدىن ئاكتىپلىق بىلەن نامزات ئائىلىلەرنى كۆرسەتتى. تەشۋىق، سەپەرۋەر قىلىش، تاللاش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش، جەمئىيەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، بىر تۈركۈم يېتەكلەش خاراكتېرلىك، گەۋدىلىك، ئىش ئىزلىرى تەسىرلىك، تەسىرى زور، ئامما ئېتىراپ قىلغان مەدەنىي ئائىلىلەر بارلىققا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر