خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بىز ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنىڭ مۇھىم ئاساسىي نۇقتىسى قىلىپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جايغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيىدىغان، بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان، ئالغا بېسىش ۋە ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان سوتسىيالىستىك ئائىلە مەدەنىيىتى يېڭى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
12- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنىڭ ھەر خىل كىيىنگەن ۋەكىللىرىنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، چېھرىدىن خۇش تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بۇ يەرگە كەلگەندە، نەق مەيداندا ئۇزاق ۋاقىت قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى. ۋەكىللەرمۇ باش شۇجى بىلەن سالاملىشىپ، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن باش شۇجىغا چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى