باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

43 مىڭ مەسىلىسى بار خەرىتە تەكشۈرۈلدى

2016.12.12 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەرىتە باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەرىتە بازارلىرىنى 1660 قېتىم تەكشۈرۈلۈپ، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ 43 مىڭدىن ئارتۇق «مەسىلىسى بار خەرىتە» مەھسۇلاتىغا چېتىشلىق 253 خەرىتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  بۇ يىل، دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش-جۇغراپىيە ئۇچۇرچىلىرى ئىدارىسى، مەركەز ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 12 تارماقتىن تەركىب تاپقان مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىنى ئېڭى تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە خەرىتە بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تۈرلۈك قەغەز خەرىتە، گىلوبۇس، كۆرگەزمە (يەرمەنكە)، خاتىرە سارىيى، مۇزېيلاردا بېسىلغان خەرىتە ۋە ئالاقە تورى خەرىتىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى.

  يىغىندا، دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش-جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرى ئىدارىسى خەرىتە باشقۇرۇشتىكى بەزى يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەرىتە باشقۇرۇش خىزمىتىنى شەھەر، ناھىيە، دەرىجىلىك ئۆلچەش-سىزىش -جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ خەرىتە باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش؛ خەرىتە تەكشۈرۈشكە يېشىل يول ئېچىپ، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش؛ دۆلەت ئالاقە تورى خەرىتىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە خەرىتە باشقۇرۇشنى تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ خەرىتىنىڭ شوپۇرسىز قاتناش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللىنىلىشىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر