باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى قارارى بېكىتىلگەندىن كېيىن، قانداق ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ؟

2016.12.12 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يەسىمەن چېيى» ئىسىملىك تورداش: پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى قارارى بېكىتىلگەندىن كېيىن، قانداق ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ؟

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى: پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى، پارتىيە تەشكىلىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىدىكى مۇقەررەر تەرتىپ.

  ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، ئادەتتە بىر ئاي ئىچىدە خازالانغان پارتىيە ئەزالىرى ئۆزى تەۋە پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۆزىگە جاكارلىنىدۇ. شۇ ئادەمگە جاكارلاش خىزمىتىگە مەسئۇل خىزمەتچىلەر ئىككىدىن كەم بولسا بولمايدۇ، جاكارلىغاندا جازالانغۇچىغا بەھرىلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جازالاش قارارىغا بولغان پىكىرلىرىنى ئېلىپ، مۇناسىپ ئىدىيەۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ ھەم ئۇلارنى جازالاش قارارىغا ئىمزا قويدۇرىدۇ. پىكرىنى يېزىشنى رەت قىلىش ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن پىركىرنى يازالماسلىق سەۋەبىنى جازالاش قارارىغا ئەسكەرتىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جازالاش قارارى ئۇقتۇرۇشى ۋە جازالاش قارارى يازما شەكىلدە ئالاقىدار تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار، تارماقلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى جازالاش قارارى ماتېرىياللىرىنى جازالانغانغۇچىنىڭ ئارخىپىغا سالىدۇ، ھەمدە كەسىپ، دەرىجە، مائاش قاتارلىق مۇناسىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىدىغانلارنىڭ رەسمىيەتلىرى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىلىدۇ. پارتىيە ئىنتىزام جازاسى قارارىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ياكى جازالانغان پارتىيە ئەزالىرى قاراشلىق ئورۇنلار، ئادەتتە جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئالتە ئاي ئىچىدە جازالاشنى قارار قىلغان ياكى تەستىقلىغان ئورگانلارغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر