خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: ئامانگۈل گايىت، بۇخەلچەم روزى خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرى دېھقانلارنىڭ قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قوچقار، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئارغامچا تارتىشىش، ئاتلانچۇق ئويناش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
سۈرەتتە: توخۇ سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى