باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر»

2016.12.12 16:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىل 27-ماي سەھەر سائەت 7:00 لەر ئەتراپىدا كورلا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەت ھاراق ئىچىپ، مەست ھالدا ئۆيىگە قايتىپ، ئايالى رىزۋان بىلەن ئائىلىنىڭ ئۇششاق ئىشلىرى توغرىسىدا جېدەللىشىپ، رىزۋاننى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن، رىزۋان ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن، مەمەت مەست ھالەتتە ئۆيدە ئۇخلاپ قالغان.

  ئۆيدىن قېچىپ چىققان رىزۋان ساقچىخانىغا يولدىشى مەمەتنىڭ ئۆزىنى ئۇرغانلىقى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلماقچى بولۇپ، دېلو مەلۇم قىلالمىغان. ئۇ سائەت 8:30 لەر بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، يولدىشى مەمەتنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قورقىتىپ قويۇش مەقسىتىدە ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە ئۇخلاۋاتقان ئوغلى فەرۇقنى ئويغىتىپ، تاغىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىۋەتكەن، ئاندىن ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، يولدىشى مەمەتنىڭ موتوسىكلىتىنىڭ ماي باكىدىن يېرىم قۇتا بېنزىن چۈشۈرگەن.

  ئاچچىقتىن ئەقلى كېسىلگەن رىزۋان يولدىشى مەمەت ئۇخلاۋاتقان ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ئۆي ئىچىگە قارىتىپ بېنزىن چېچىپ، ئۆيگە ئوت قويۇپ قورۇدىن چىقىپ كەتكەن، ئارقىدىن يەنە قايتىپ كېلىپ يولدىشى مەمەتنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۆيدىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا گەپ قىلمايلا موتوسىكلىتنى مېنىپ چىقىپ كەتكەن. رىزۋان پۇل ئېلىش ئۈچۈن بانكىغا كېتىۋاتقان يولدا ج خ خادىملىرى رىزۋانغا تېلېفون قىلغان، رىزۋان ئەھۋالنى ئەينەن تاپشۇرغان.

  كورلا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىپ، جىنايەت گۇماندارى رىزۋاننىڭ ئوت قويۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولغانلىقىدەك قىلمىشى قەستەن قاتىللىق قىلىش (ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەلىل-ئىسپات تولۇق، پاكىت ئېنىق، قولغا ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن، دەپ قاراپ، 2016-يىلى 8-ئىيۇن رىزۋاننى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  (كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئاينۇر ئابدۇللا تەييارلىغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر