باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاكىستان پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىنگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شەرىفكە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.12.09 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 8- كۈنى پاكىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى مەمنون ھۈسەيىنگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بەختكە قارشى ھادىسىگە ئۇچراپ، بىر جۇڭگولۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازاغا يولۇققانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، شۇنداقلا ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە جۇڭگو خەلقى پاكىستان خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 8- كۈنى پاكىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭلىسى ناۋاز شەرىفكە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بەختكە قارشى ھادىسىگە ئۇچراپ، بىر جۇڭگولۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازاغا يولۇققانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر