باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن چىقىرىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى يۇقىرى تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ

2016.12.12 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇنىڭدىن كېيىن بۇلغىما قويۇپ بېرىشى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىگە گۇناھ يېزىلىدۇ، دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىدۇ، ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  يېقىندا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 52-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مەزكۇر «نىزام» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى دەۋردە مۇھىت ئاسراش قانۇنى چىقىرىش جەھەتتىكى بىر قېتىملىق تەڭشەش بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، يەنە مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇھىتقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا ئاساسلىقى تۆت چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، بىرىنچىسى، ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى راۋانلاشتۇرۇلغان. مۇھىت ئاسراش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، خەلق ھۆكۈمىتى، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى، بىڭتۈەن، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. ئىككىنچىسى، مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مۇھىت ئاسراش ئاساسىي تۈزۈمىگە قارىتا ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىنچىكىلەشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، قاراتمىلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى كۈچەيتىلگەن. ئۈچىنچىسى، مۇھىت ئاسراش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلەر كۈچەيتىلگەن. تۆتىنچىسى، قانۇنسىز قىلمىشلارنى جازالاش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر