باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى«جوردان» تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بېكىتتى

«ئۇچقۇر ئادەم»نىڭ ئۆزى « QIAODAN» فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس

2016.12.09 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- دېكابىر، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئامېرىكا NBA دىكى داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى مايكول جېفرى جوردان ۋە ئىلتىماس قىلىنغۇچى دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتى ۋە بىرىنچى سوتتىكى ئۈچىنچى شەخس جوردان تەنتەربىيە پاي چەكلىك شىركىتى تاۋار ماركىسىنى تالاش-تارتىش قىلغان مەمۇرىي تالاش توغرىسىدىكى 10 دېلوسىغا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

  «جوردان»نىڭ تاۋار ماركىسىغا چېتىلىدىغان ئۈچ دېلوسى ئىچىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تالاش-تارتىش قىلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلۇشى قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى«جوردان»غا بولغان ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىدىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇشىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە قارىتا قانۇن بويىچە قارار ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جوردان شىركىتى تالاش-تارتىش قىلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلۇشىغا بولغان سۇبيېكتىپ يامان غەرىزى روشەن بولغانلىق سەۋەبىدىن ۋە جوردان شىركىتىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە جوردان شىركىتىنىڭ كارخانا نامى، ھەمدە تاۋار ماركىسىغا بولغان مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتى، ئىشلىتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار، تالاش-تارتىش قىلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا ئىگە بولالمايدۇ، شۇڭا، جوردان شىركىتىنىڭ ئۈچ «جوردان» تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا كېسىم چىقىرىشىنى ئېنىقلاپ ھۆكۈم چىقاردى. قالغان يەتتە دېلو ئىچىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتا سوت قىلىنىشىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامىدىكى تاۋۇشلارنى قوشۇپ ئوقۇغاندا، « QIAODAN»« qiaodan» بولىدىغان ئۇ سۆزنىڭ فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى قانۇن بويىچە بېكىتتى، قايتا سوت قىلىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشنى رەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر