- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كۇبا ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا ئالدىرىماقتا
2016.12.09 15:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 7- دېكابىر، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان نۇرغۇن كېلىشىمدە تېزدىن ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاراتقۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا، بۇ، كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنىڭ كېلەر يىلى رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشتىن بۇرۇن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقى، دەپ قارىدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، ترامپ كۆپ قېتىم باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كۇبا بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىملىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ، ئامېرىكا-كۇبا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە خېلى زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن, ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە 100دىن ئارتۇق كۇبا كارخانىچىلىرى 7- دېكابىر بىرلىكتە، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر