- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
2016.12.09 15:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇخبىرنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز 2016- يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولغان. 11-ئايغىچە، بۇ يىللىق «ئاسماندا تور» ھەرىكىتىدە 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا قېچىپ كەتكەن 908 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىسىدىن 122نى قايتۇرۇپ كەلگەن، 2 مىليارد 312 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ھارام مالنى قايتۇرۇۋالغان، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى»دىن 10نى تۇتۇپ كەلگەن. 2014- يىلى 1- ئايدىن 2016- يىلى 11- ئايغىچە، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 2442 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خىزمەتچىسىدىن 397نى قايتۇرۇپ كەلگەن، 8 مىليارد 542 مىليون يۈەن ھارام مالنى قايتۇرۇۋالغان، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100جىنايەتچى»دىن 37نى تۇتۇپ كەلگەن. يېڭىدىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەر يەنىمۇ ئازلىغان.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر