خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى شىنجاڭ ئۇچۇر كەسپىي تارماق شىركىتى كۆرك ئېكرانى بىلەن شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 2-قېتىملىق «كۆرك ئېكرانى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
«كۆرك ئېكرانى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى 2015-يىلى شىنجاڭدىكى كىنو ساھەسىگە ھەۋەس قىلىدىغان ياش كۈچلەرنى قىزىش ۋە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىلھام بېرىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇسابىقە كىنو ساھەسىگە قىزىقىدىغان ياشلارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ يىلقى مۇسابىقە يېقىندا باشلانغان بولۇپ، مۇسابىقىگە 500 ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن مەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسى قوبۇل قىلغان ئەسەرلەر ئىچىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 70 ئەسەرنى تاللاپ چىققان. باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قايتا -قايتا باھالىشى نەتىجىسىدە 22 ئەسەر بېكىتىلىپ، توردا ئېلان قىلىنغان. نۆۋەتتە، توردا بېلەت تاشلاش، باھالىغۇچىلار باھالاش ئارقىلىق ئالتە ئەسەر مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر ئوپېراتور مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر سىنارېست مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر كىرىشتۈرگۈچى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتى بويىچە مۇكاپاتلىنىدىكەن.
«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ باشلىقى، سىنارېست، مىكرو كىنو مۇسابىقىسىنىڭ باھالىغۇچىسى قاھار نىياز مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئەسەرلەرگە ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، تېخنىكا جەھەتتىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولغاچقا، رىقابەتمۇ كەسكىن بولدى. مۇسابىقە جەريانىدا كىنو ساھەسىگە ھەۋەس قىلىدىغان، بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ خېلىلا كۆپلۈكىنى، «كۆرك ئېكرانى»نىڭ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى سەھنە بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ياشلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاز مەبلەغ بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى رولغا قاتناشتۇرۇپ، مەزمۇنى ساغلام، ئىدىيەسى ئاكتىۋال، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان ياخشى، تەسىرلىك فىلىملەرنى ئىشلىگەنلىكى بىزنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.
ئۇقۇشۇمچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تاللانغان 22 ئەسەر تېلېۋىزور ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە سۇنىلىدىكەن. «كۆرك ئېكرانى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىپ كۆلىمى، تەسىر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان، ھەتتا مەملىكەت مىقياسىدىن مىكرو كىنو قاتناشتۇرۇلىدىغان چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىگە ئايلاندۇرۇلىدىكەن. ئابۇنتلار كۆرك ئېكرانىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىغا چىقىش ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرغان مىكرو فىلىمغا 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بىلەت تاشلىسا بولىدىكەن. 12-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى