خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت يىغىنى 12- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانداق ئادەملەرنى تەربىيەلەش، ئادەملەرنى قانداق تەربىيەلەش، شۇنداقلا كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىگە چېتىلىدۇ. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئادەمنى تولۇق، ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، ئېلىمىز ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن خۇلاسە سۆزى قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ. ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنىڭ ئورنى ۋە رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىمىز ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ جىددىي، پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىمىز ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى