باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىندى

ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم 10-دېكابىردىن بۇرۇن شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەك

2016.11.21 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋاقتى يېقىندا بېكىتىلگەن: گۈزەل سەنئەت كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش ۋاقتى 16-دېكابىردىن 17-دېكابىرغىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 18-دېكابىر بولىدىكەن؛ مۇزىكا كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش ۋاقتى 2017-يىلى 5- يانۋاردىن 6-يانۋارغىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 8- يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە بولىدىكەن. گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسپىي ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم 2016-يىلى 10-دېكابىردىن بۇرۇن شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەك ئىكەن، كەسپىي ئىمتىھان مەزمۇنى يېڭى پىروگرامما ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپى ئىمتىھان نۇقتىسى ئۈرۈمچى شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى ۋە قەشقەر شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. بۇلار ئىچىدە ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى، قۇمۇل، تۇرپان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن؛ ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، قاراماي، كۇيتۇن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۈيتۈن شەھىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن؛ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قەشقەر شەھىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. مۇزىكا كەسپى ئىمتىھانى ئىمتىھان نۇقتىسى بىر تۇتاش ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر