خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇچىسىغا قېنىق كۆك رەڭلىك فورما كىيگەن جىڭ خەيپېڭ بىلەن چېن دۇڭ 7- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لەردە بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ياتاق بىناسىدا، چوڭ قەدەم تاشلاپ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېسىلغان ياتاققا كىردى.
بۇ جىڭ خەيپېڭ بىلەن چېن دۇڭنىڭ 18- نويابىر يەر شارىغا قايتقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جامائەتكە كۆرۈنۈشى.يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى نەق مەيدانىدا، جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭلار رەڭگىرويى ياخشى، روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۇدەك جاۋاب بەردى. ياخشى بولغان تاشقى ھالىتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى.
ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىزچىل تېببىي ئايرىش مەزگىلىدە تۇرغاچقا، كۆپچىلىككە ئەمدى كۆرۈندى، بۇ مەزگىل 9- دېكابىر ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىيلەن بىر ئاي دەم ئېلىپ داۋالىنىپ، بەدىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى