باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 950 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەندى

2016.12.01 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 950 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى جەھەتتە ئۇدا ئۈچ يىل قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ خەۋەرنى مۇخبىرىمىز 30-نويابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىگەن.

  30-نويابىر، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تور ۋە تېلېۋىزىيە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»، «چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى»، «بېيجىڭ-تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش» قاتارلىق چوڭ-چوڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، چوڭ قۇرۇلۇشلار، چوڭ تۈرلىرىگە مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىش كېرەك. مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسى ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ئورنى ئېھتىياجى ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر