باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.12.08 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7- دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى، «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىدىكى مەخسۇس چوڭ-چوڭ تۈرلىرى پىلانى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر بېكىتىلدى: بىرىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ تەدرىجىي يۆتكىلىش ۋەزىيىتىگە بوي سۇنۇپ، دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ يۆتكەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ مۇھىت قاتارلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرا رايونلارغا يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ قوللاش كېرەك. ئوتتۇرا رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تىرىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىشىكنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىش، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ئىسلاھاتى يېڭى نەتىجىلىرىنى قوللىنىش ۋە كېڭەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىر جايدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا،1-،2-،3- كەسىپنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ناھىيە ئىقتىسادىنى ئۈستىگە ئالغۇچى شەھەرلەرنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلارنى قاتتىق قوغداپ، تەبىئىي ئورمانلىق، ئوتلاق بايلىقى، سۇلۇق يەر قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئاتلىنىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى قوللاش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر