باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا «ئىران جاسۇسلۇق شايكىسى دېلوسى»غا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

15 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2016.12.08 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادقا جايلاشقان ئالاھىدە جىنايى ئىشلار سوتى 6- دېكابىر «ئىران جاسۇسلۇق شايكىسى دېلوسى» ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى، 15 «ئىران جاسۇسى» ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، يەنە ئون نەچچە ئادەم ئوخشاش بولمىغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى «رىياد گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ھۆكۈم قىلىنغان 32 كىشى ئىچىدە، 30 سەئۇدىيلىق، بىر ئىرانلىق ۋە بىر ئاففانىستانلىق بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 15 ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 15 ئادەم يېرىم يىلدىن 25 يىلغىچە بولغان قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئىككى ئادەم گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. سوتتا جاۋابكارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئېلان قىلىنمىغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە جاۋابكار ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، جاۋابكارلار ئىچىدە دىنىي زاتلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىروفېسسورلىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ۋە بانكا خىزمەتچىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 15 ئادەمنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق ئىكەن، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەم ئىچىدە بىر چەت ئەللىك بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر