باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قايتىش ۋە ئادەم ئاز ۋاقىتتىكى ئاۋىياتسىيە بېلەت باھاسىدا زور دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ

2016.12.08 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، كەڭ يولۇچىلارنىڭ تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 7300 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىشنى ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن 700 قېتىمدىن ئارتۇقىنى، دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن 6600 قېتىمنى كۆپەيتىدىكەن.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، خەلق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ قىزىق بازىرى بولسا، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېندىن غەربىي جەنۇبىي رايونغا بېرىپ-قايتىش قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى يۇرتىغا قايتىش بازىرى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بېرىپ-قايتىش، تەيۋەن ۋە شەرقىي شىمال رايونىدىن ياپونىيە بىلەن كورېيەگە بېرىپ-قايتىش قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون بازارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى چاغان مەزگىلىدىكى قايتىش ۋە ئادەم ئاز ۋاقىتتىكى بېلەت باھاسىنى ئەرزانلىتىپ، زور كۆلەمدە ئېتىبار بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر