خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 12- ئاينىڭ 8- كۈنى, جاۋابكار بەي خەيچۈەن سوت نەق مەيدانىدا. شۇ كۈنى, ئىچكى موڭغۇل باياننۇر شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، كۆكخوت شەھەرلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى بەي خەيچۈەن (باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك) نىڭ پارا ئېلىش ۋە خىيانەت قىلىشقا چېتىلىش بولغان، ھەمدە زور مىقداردىكى مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا سوت ئاچتى، ئۇنىڭ دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 170 مىليون يۈەندىن ئاشتى. سوتتا بەي خەيچۈەن كۆپ ساندىكى جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، ھەمدە كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سوت مەھكىمىسى قانداق ھۆكۈم چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ھەممە جىنايىتىمگە ئىقرار».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى