باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيەنىڭ ئاسىختىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 97گە يەتتى

2016.12.08 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە ئەمەلدارىنىڭ 7-دېكابىر جەزملەشتۈرۈشىچە، شۇ كۈنى سەھەردە ئاسېخ ئالاھىدە رايونىدا 6.4 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، 97 ئادەم قازا قىلغان، 613 كىشى يارىلانغان، 200 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي، ماگىزىن، ئوقۇتۇش بىناسى، مەسچىت قاتارلىقلار ۋەيران بولغان.

  ئاسېخ ئالاھىدە رايونى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى تاتاڭ سۇلايمان يەر تەۋرىگەن نەق مەيداندا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىقى ھايات قالغانلارنى ئىزدەش ۋە يارىدارلارنى يۆتكەشكە مەركەزلەشكەنلىكىنى، ساقچى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتچىلىرى، قۇتقۇزۇش مەركىزى خادىملىرى ۋە پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن 1000دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئەترىتى خادىملىرى كۆمۈلۈپ قالغان ئاھالىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى، ئۈزلۈكسىز قازا قىلغانلار جەسىدىنىڭ بايقىلىۋاتقانلىقىنى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ يەنە ئۆرلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى سائەت 5تىن 3 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6دىن 3 مىنۇت) ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى ئاسېخ ئالاھىدە رايونى پىدىجايا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 81 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بولۇپ، ئاسېخ ئالاھىدە رايونىنىڭ مەركىزى بەنداياچقا تەخمىنەن 90 كىلومېتىر كېلىدىكەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر