باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۇقۇش تەۋەلىكى ماتېرياللىرىنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىش» كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى

2016.11.25 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تەۋەلىكى ماتېرياللىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر قايسى ئالاقىدار ئۆلكىلەردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يەنى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تەۋەلىكى بولۇشى ۋە ئۇقۇش تەۋەلىكى ماتېرياللىرىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۇقۇش تەۋەلىكىنى تۇرغۇزۇش، تىزىملاش ۋە يۆتكەش دېگەندەك ئىشلار تۈپەيلىدىن، مەكتەپنىڭ نورمال مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى قاتارلىقلار تەسىرگە ئۇچىرىماسلىقى كېرەك.

  مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار باشقۇرۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، «ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇنىڭ ئۇقۇش تەۋەلىكى بىردەك بولۇش، ئۇقۇش تەۋەلىك ماتېرياللىرى ئوقۇغۇچىغا ئەگىشىپ مېڭىش» پىرىنسىپىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، شۇ ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىك ماتېرياللىرىنى ئۆلكە ئاتلاپ ئوقۇش ياكى ئۆلكە ئاتلاپ مەكتەپتىن مەكتەپكە يۆتكىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سىنىپ ئاچقان مەكتەپلەرگە يۆتكەپ بېرىشى كېرەك. ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولسا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سىنىپ تەسىس قىلغان مەكتەپلەر ۋە شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلىشىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ بېرىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇغۇچىلار شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئەگەر ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇش تەۋەلىكىنى تۇرغۇزۇش رەسمىيىتىنى ئاتلاپ كەتكەن ياكى قەستەن تۇرغۇزمىغان ئەھۋاللار يۈز بەرسە، مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ، ھەمدە كونكرېت باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنى دەل ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. ئوقۇش تەۋەلىكى تېخى تۇرغۇزۇلمىغان ئوقۇغۇچىغا قارىتا، ئەگەر ئۇنىڭ باشقا شەرتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولسا، بۇ خىل سىنىپ تەسىس قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەر ئۇنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى يوقكەن، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ شۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشىنى رەت قىلسا بولمايدۇ، تەرتىپ بويىچە ئۆز ۋاقتىدا شۇ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش تەۋەلىكىنى تولۇقلاپ تۇرغۇزۇپ بېرىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى 1985- يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق، چېگرا رايونلارنى مائارىپ بىلەن گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر