خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) «ئانارخان»، «ئۆرۈك چېچەكلىگەندە»، «مېنىڭ بايرىقىم»، «شۇنداق بىر گۈل بار» قاتارلىق بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەم كىنو فىلىملەرنى ئىشلەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كىنو-فىلىملىرىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ داسىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»دىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭىچە ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭغا ئالاھىدە مېھرى بار، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن فىلىملەرگە رېژىسسورلۇق قىلغان بېيجىڭدىكى داڭلىق رېژىسسور يەن چىڭشيۇنى رېژىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىپ، 9-ئايدىن باشلاپ چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىدى.
فىلىمدىكى باش رولنى «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇل» سەھنىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۈلمىھرە مۇھەممەت بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە شۆھرەت قازانغان ئازاتلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تونۇلۇۋاتقان ياش ئۇسسۇلچىسى ئۈمىد ئوبۇل ئالغان بولۇپ، فىلىمدە ئىلگىرى سەنئەت مەكتەپنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر جۈپ قىز-يىگىت نازى بىلەن قەيسەرنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن. ئۇلار بىر قېتىملىق ئەنگلىيە خان جەمەتى ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتى تۈپەيلى، ئىككىيلەننىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ، ھەر كىم ئۆز يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ ھەم نەچچە يىلدىن كېيىن قايتىدىن ئۇچرىشىپ، ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان ئورتاق ھېسسياتى سەۋەبلىك يەنە قايتىدىن بىر يەرگە كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىدە يەنە ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ، بۇ ئىككى ياشنىڭ ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن ۋەقەلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا ئوقۇشماسلىقلار يېشىلىپ، ئورتاق بىر ئارزۇدىكى بۇ ئىككى ياش بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق مۇھەببىتىنى بىر-بىرىگە ئىزھار قىلىشىپ، گۈزەل ھاياتىنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن داۋاملاشتۇرغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
فىلىمنىڭ رېژىسسورى يەن چيۇشيۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى نامايان قىلىدىغان بىرەر فىلىم ئىشلەش ئارزۇيۇم بار ئىدى. «ئانارخان» فىلىمىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن مۇشۇ تېما ئۈستىدە ئىزدەندىم، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىغا بولغان ئىشتىياقىم كۈندىن-كۈنگە ئاشتى. ھازىر كىنو ساھەسىدە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك. تۇرمۇش فىلىملىرى، تارىخىي فىلىملەر كۆپ بولغىنى بىلەن ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەر ئانچە كۆپ ئىشلەنمىدى، شۇڭا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەرگە بولغان ئىھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك. خەلقلىرىمىز ئىدىيەسىدە ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ھوللىۋود كىنو فىلىملىرىدىلا بار، دەپ ئويلايدۇ. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەرنى ئىشلەشكە ناھايىتى باپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە كىرىشتىم، فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن باشقا شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ناخشا-ئۇسسۇلى بار. ئىشىنىمەن بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدە بازارلىق فىلىم بولالايدۇ.
بۇ فىلىمدە ئىككى ياشنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى زامانىۋى مەدەنىيەت، ياشلاردىكى ئىلغار ئىدىيە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتلىرى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەنگەن. بۇ فىلىم كېلەر يىلى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى