باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچىلار تۇتۇلدى

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئاينۇر ئابدۇللا

2016.12.08 16:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ يى بىلەن ئابدۇراھمان ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زەھەر چەككۈچى، ساتقۇچىلاردىن پۇل ئۈندۈرۈشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئىلگىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا تۇتقان روزىغا زەھەر چەككۈچى، ساتقۇچىلارنى تېپىپ بېرىشىنى ئېيتتى.

  2016-يىل 23-يانۋار روزى بىر زەھەر چەككۈچىنى تاپقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئابدۇراھمان ۋە جاڭ يى سايىمنى يالغاندىن ئادەم تۇتۇشقا ياردەملىشىشكە چاقىرىپ، جاڭ يىنىڭ ئاپتوموبىلىدا ئادەمنى قانداق تۇتۇپ، قانداق پۇل ئېلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى: روزى زىيانلانغۇچى شياۋ مىڭدىن زەھەر سېتىۋالىدىغان، زەھەر سېتىۋالغان ۋاقىتتا ئابدۇراھمان، جاڭ يى، سايىملار يالغاندىن روزى بىلەن زىيانلانغۇچى شىياۋ مىڭنى تۇتۇپ، شىياۋ مىڭدىن پۇل ئۈندۈرىدىغان بولۇشتى.

  روزى زىيانلانغۇچى شياۋ مىڭنى «خىروئىن سېتىۋالىمەن» دەپ، كورلا شەھىرى xx مېھمانخانا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00لەر ئەتراپىدا ئابدۇراھمان، جاڭ يى، سايىم، روزى قاتارلىقلار جاڭ يىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن دېيىشكەن جايغا باردى، روزى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ زىيانلانغۇچى شىياۋ مىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، شياۋ مىڭدىن خىروئىن سېتىۋېلىۋاتقان ۋاقىتتا، پەيت كۈتۈپ تۇرغان ئابدۇراھمان بىلەن جاڭ يى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، زىيانلانغۇچى شياۋ مىڭنى تۇتتى، جاڭ يى ئالدىن تەييارلىۋالغان يالغان ساقچى كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، زىيانلانغۇچى شياۋ مىڭنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، جاڭ يىنىڭ ئاپتوموبىلىغا باستى، يەنە روزىغىمۇ كويزا سېلىپ، ئاپتوموبىلغا چىقاردى. جاڭ يى يالغاندىن «بۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بارايلى» دەپ، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ماڭدى.

  بۇ چاغدا، روزى يالغاندىن «مېنى قويىۋەتسەڭلار، جەرىمانە تۆلىسەم، ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەرسەڭلار» دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. زىيانلانغۇچى شىياۋ مىڭمۇ «مېنى قويىۋەتسەڭلار، جەرىمانە تۆلىسەم، ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەرسەڭلار» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، جاڭ يى قوشۇلۇپ، زىيانلانغۇچى شياۋ مىڭ 40 مىڭ يۈەن پۇل بېرىدىغان بولدى، لېكىن شياۋ مىڭنىڭ يېنىدا نەق پۇل بولمىغاچقا، باشتا 9000 يۈەن بېرىپ، قالغىنىنى ئەتىسى جاڭ يىغا بېرىدىغانغا كېلىشتى، 9000 يۈەننى ئابدۇراھمان، سايىم، روزىلار ئايرىم ھالدا 2400 يۈەندىن، سايىم 1800 يۈەندىن بۆلۈشتى. ئەتىسى جاڭ يى شياۋ مىڭغا تېلېفون قىلىپ 31 مىڭ يۈەننىمۇ ئالدى ھەمدە بۇ پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتتى، 2016-يىل 26-نويابىر جاڭ يى يەنە زىيانلانغۇچى شياۋ مىڭغا تېلېفون قىلىپ، «20 مىڭ يۈەن پۇل بېرىپ تۇرغىن» دەپ، شياۋ مىڭدىن يەنە 18 مىڭ 800 يۈەن پۇل ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمىدى.

  كورلا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ۋە: دېلودىكى دەلىل-ئىسپاتلار بىر–بىرىگە ماس كېلىدۇ، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنى قاقتى–سوقتى قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئېلىۋالغان قىلمىشى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتىنىڭ تۆت جەھەتتىن شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، پاكىتى ئېنىق، مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلسا، داۋاملىق دېلو سادىر قىلىش، قېچىپ كېتىشتەك ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن تەسىرى ئېغىر، قولغا ئېلىش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر