خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى بازاربۇيى كەنتى 1-مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، خوتەن شەھەرلىك «ئوكيان» يانفون شەھەرچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، دېھقان كارخانىچى ئابلىكىم نۇرمۇھەممەد ئىگىلىك تىكلەپ روناق تاپقاندا مائارىپنى قوللاشنى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئانا مەكتىپى _ توخۇلا يېزىسى بازار باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىر قېتىملىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆز يېنىدىن 50 مىڭ يۈەن چىقىرىپ مەخسۇس بۇيرۇتۇپ تىكىلگەن 655 دانە قىشلىق چاپاننى بۇ مەكتەپتىكى 655 ئوقۇغۇچىغا تەقدىم قىلىپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى. يېزا رەھبەرلىرى ھەم ئوقۇتقۇچىلار ئابلىكىم نۇرمۇھەممەدنىڭ ئانا مەكتىپىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشتەك ئالىيجاناب روھىغا ئاپىرىن ئېيتتى.
سۈرەتتە: ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى