خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەنجان مەمتىلى خەۋىرى، فوتوسى) 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ «پاختا مېھىر-شەپقەت ئوقۇش ياردەم پۇلى» تارقىتىش مۇراسىمى ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ئالاھىدە ياخشى بولغان 40 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە ئۈچ يىلدا جەمئىي 4000 يۈەندىن ياردەم قىلىنىدىغان بولۇپ، بۈگۈن بىرىنچى يىلىدىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلى جەمئىي 160 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىلى 1200 يۈەندىن، ئۈچىنچى يىلى 1600 يۈەندىن ياردەمگە ئېرىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى