باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپاندا قىشلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىدا ئالتە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى

2016.12.07 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- دېكابىر، تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە ھاۋا لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا، تۇرپان شەھىرى قىشلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىدا ئالتە چوڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇلار دەل ۋاقتىدا ئۇچۇش، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش، ئاۋىياتسىيە ۋە تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنى يولغا قويۇش، يېرىم باھالىق بېلەت ۋە ئوتتۇرا ھالقىدا ئالمىشىش قاتارلىقلار بار.

  قىش پەسىلىدىكى تۇرپاندا بىپايان ئاسمان سۈپسۈزۈك بولۇپ، كۈندە ئىللىق قۇياش نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ھاۋارايى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچۇشىغا، كېچىكمەي دەل ۋاقتىدا قونۇشىغا پايدىلىق.

  جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى تۇرپان يارغۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچىدىغان-قونۇدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسىدا زور كۆلەمدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. يولۇچىلار مەيلى قاتناش جانلانغان ياكى كاساتچىلىق پەسىل بولسۇن، ياكى تۇرپاندىن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگىچە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرسۇن، ياكى تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن كىرگەن ساياھەت ئۆمىكى بولسۇن، ھەممىسى مەنزىرە رايونىنىڭ «بىرنى سېتىۋالسا يەنە بىرنى سوۋغا قىلىش» ئىشىك بېلىتى ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا، تۇرپاندىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ يەككە مۇساپىلىك بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %85 چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بېلەت باھاسى 480 يۈەندىن باشلاپ سېتىلىدۇ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ يەككە مۇساپىلىك بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 40 يۈەن بولىدۇ. تۇرپاندىن ئۇچۇپ بېيجىڭدا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئالمىشىپ نەنجىڭ، چاڭشا، گۇاڭجۇ قاتارلىق مەملىكەتتىكى 80 شەھەرگە بارغىلى بولىدۇ، يەككە مۇساپىلىك بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 700 يۈەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر